ئىككى ئايدىن بۇيان ، خەلقئارا نېفىت – تەبىئىي گاز بازىرى يېقىندا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشقا ئاساسىي جەھەتتىن سەل قارىغان، چۈنكى ئۇ ھېچقانداق ئەھمىيەتلىك شەكىلدە ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا دېڭىزدىن كەلگەن نېفىت – تەبىئىي گازنىڭ يۆتكىلىشىنى قالايمىقانلاشتۇرمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، نېفىت باھاسى بىلەن ياۋروپانىڭ ئۆلچەملىك گاز باھاسى 10 – ئاينىڭ بېشىدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆرلىگەن. ئارقىدىن 12 – ئاينىڭ بېشىدا ئالتە ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان، سەۋەبى بولسا ، ئىقتىساد ۋە نېفىت ئېھتىياجىغا بولغان ئەندىشىنىڭ داۋاملىق ساقلانغانلىقى، شىمالىي يېرىم شاردا تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىدىن كېلىپ چىققان. ھەمدە ھاۋانىڭ ئىللىشى پار بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجىنى چەكلەپ قويغان. بىراق ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، نېفىت باھاسى يەنىلا ھوشارلىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ئوتتۇرا شەرق توقۇنۇشىنىڭ ئىنكاسى يەنىلا يەر شارىۋى ئېنېرگىيە بازىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى ھەم ئىستېمالچىلارنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ دەل ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئامېرىكىنىڭ پۇل سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىدىن يۈز بەرگەن بولۇپ ، 2024 – يىلى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۈچ قېتىم تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن ئىكەن .
مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

