چارشەنبە ( 1-ئاينىڭ 3-كۈنى )، ئالتۇن باھاسى چۈشۈش بېسىمىغا دۇچ كېلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 2030 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا چۈشكەن. يەنى ئالتۇن باھاسى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى يۇقىرى نۇقتىدىن% 2.7 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىگەن، چۈنكى مەبلەغ سالغۇچىلار تېخىمۇ ئېھتىياتچان مەيداندا تۇرۇشقا باشلىغان. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۇرۇلغاندىن كېيىنكى زىيادە سېتىۋېلىش ئەھۋالى ۋە ئۈمىدۋار كەيپىياتنىڭ يىل بېشىدىكى ئەكسىگە يېنىشقا يول ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ چارشەنبە كۈنى پۇل سىياسىتى يىغىنىنىڭ مۇھىم خاتىرىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مۇھىم خاتىرىنىڭ مەزمۇنىدا ئەمەلدارلارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش-تۆۋەنلەتمەسلىك مەسىلىسىدە ئىختىلاپ بارلىقى كۆرسىتىلگەن. گەرچە پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلەش خەۋپى سەل پەسەيگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلدارلار 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۆسۈم تۆۋەنلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. كۆپ قىسىم قاتناشقۇچىلارنىڭ قارىشىچە، پۇل پاخاللىقىنى مۆلچەرلەشنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، فېدېراتسىيە فوندىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مۇۋاپىق ئىكەن. ھالبۇكى، ئۇلار يەنە پۇل پاخاللىقىنى مۆلچەرلەشتە يۈكسەك ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت، بەزى ئەھۋاللاردا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆسۈم قوشۇش مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتكەن. بەزى كىشىلەر يەنە ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ نۆۋەتتىكى سەۋىيەدە تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت ساقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يىغىن مۇھىم خاتىرىسىدە پۇل سىياسىتىنى تۈزۈشتە ئېھتىياتچان بولۇش ھەم سانلىق مەلۇماتلارغا تايىنىش كېرەكلىكى، ھۆكۈمەت خادىملىرى پۇل پاخاللىقى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەشتىن بۇرۇن، سىياسەتتە چەكلىمە خاراكتېرلىك مەيداننى ساقلاش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

