سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ( BLS ) ئېلان قىلغان 12-ئايلىق ئىستېمالچىلارنىڭ باھا كۆرسەتكۈچى ( CPI ) نىڭ سانلىق مەلۇماتى مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى بولغاچقا، ئالتۇن باھاسى داۋالغۇشقا باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە يىللىق ئومۇمىي پۇل پاخاللىقى نىسبىتى% 3.4 كە تېزلەشكەن، مۆلچەر قىممەت% 3.2، ئالدىنقى قىممەت% 3.1 بولغان. ئوخشاش مەزگىلدە، داۋالغۇش بىرقەدەر چوڭ بولغان يېمەكلىك ۋە نېفىت باھاسىنى چىقىرىۋەتكەندە يادرولۇق CPIنىڭ قىممىتى % 3.9 بولۇپ، يەنىلا مۆلچەر قىممت% 3.8 تىن يۇقىرى بولغان، لېكىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان% 4.0 تىن تۆۋەن بولغان. ئايلىق ئومۇمىي پۇل پاخاللىقى ۋە يادرولۇق پۇل پاخاللىقى% 0.3 ئاشقان. پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئازراق ئۆرلىشى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 3-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمىگەن.
پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى ئۆرلىگەندىن كېيىن، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 3-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە بولغان ئىشەنچىسى سەل ئاجىزلاشقاچقا، ئانالىزىچىلارنىڭ قارىشىچە، ئالتۇننىڭ جەلپ قىلىش كۈچى سەل ئاجىزلىشىشى مۇمكىن ئىكەن. مەبلەغ سالغۇچىلار ئىزچىل ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سىياسەت تۈزگۈچىلىرىنىڭ بىرقەدەر ئۇزاق مەزگىل چەكلىمە خاراكتېرلىك مەيدانىنى ساقلاشقا مايىللىقىغا سەل قاراپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىنكار قىلغان.
ئىككى يىللىق زايومنىڭ پايدا نىسبىتى كۈنلۈك سودا ئىچىدە ئون تۈپ نۇقتا تۆۋەنلىگەن، ئالماشتۇرۇش توختامىدا كۆرسىتىلىشىچە، سودا خادىملىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىگە قارىتا تىكىشنى قايتىدىن زورايتقان، نۆۋەتتە مۆلچەرلىنىشىچە پۈتۈن يىلدا ئۆسۈم نىسبىتى 153 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلەپ، ئامېرىكا CPI سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى كۆلەمدىن ئېشىپ كەتكەن.
مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

