سەيشەنبە كۈنى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازاردا، ئامېرىكا خام نېفىتى تار دائىرىدە تەۋرىنىپ، نۆۋەتتە ھەر بىر تۇڭنىڭ باھاسى 72.68 ئامېرىكا دوللىرى بولغان، دۈشەنبە كۈنى نېفىت باھاسى تەخمىنەن 1 دوللار ئۆسكەن، چۈنكى بازار ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكى يەر شارىۋى تەمىنلەشنى داۋاملىق چەكلەپ قويۇشىدىن ئەنسىرەش پەيدا قىلىپ قويغان، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا خام نېفىت قەرەللىك مال راسچوتىدا ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 72.78 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 0.5 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، ئۆرلەش نىسبىتى% 0.7 بولغان. ئىككى چوڭ توختامنىڭ ھەممىسى تۆت سودا كۈنىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆرلىگەن، لېكىن K سىزىقلىق دىئاگراممىدا كۆرسىتىلىشىچە، قىسقا لىنىيەدە يەنىلا يەنىمۇ تۆۋەنلەش خەۋپى بار ئىكەن، بۇ سودا كۈنىدە EIA خام نېفىت بازىرىنىڭ ئايلىق دوكلاتى ۋە API خام نېفىت ئامبار زاپىسى يۈرۈشلۈك سانلىق مەلۇماتىغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىندىكەن.سودىگەرلەر ئىزچىل ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خەۋەرلەردە مەلۇم بولۇشىچە، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتتىدا ھېچقانداق ياخشىلىنىش كۆرۈلمىگەن. بۇ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. دېمەك كەڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ نېفىت بازىرىدىن ئەندىشە قىلىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىكەن. ئانالىزچىلارنىڭ قارىىشچە، يېقىندا توختىماي يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇش ۋە سەئۇددى ئەرەببىستاننىڭ نېفىت كېمەيتىش پىلانى نېفىت باھاسىغا بەلگىلىك تېرەك بولۇپ نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى قوللايدىكەن.
مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

