نېفىت باھاسى ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى چۈشكەن، كۆپ قېتىملىق ماي پاراخوتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىق خەۋىرى ماي باھاسىنى يەنە بىر قېتىم تېز سۈرئەتتە ئۆرلەتكەن، بۇنىڭ بىلەن نېفىت باھاسىنىڭ ئىنكاسى نۆۋەتتىكى باسقۇچتا بىراقلا ئۆسۈش تەرەپ يېتەكچىلىك قىلىدىغان باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. نېفىت باھاسى يېڭى يىلنىڭ 4-ھەپتىسىدىن باشلاپ كۈچەپ ئۆرلەپ بۆسۈش ھاسىل قىلغان، برېنت بىراقلا 80 دوللارلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن بولۇپ، خام نېفىتىمۇ ئاسانلا 75 دوللارلىق ئۆتكەلدىن ئۆتكەن، SC خام نېفىتىمۇ 600 پۈتۈن سان ئۆتكىلىگە يېقىنلاشقان.يەنى نېفىت باھاسى 21 ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھەپتىلىك ئۆسۈش سىزىقىدىن چىقىپ، ئۆرلەش نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك% 5 تىن ئاشقان. ئانالىزچىلار مۇنداق دېگەن : نېفىت باھاسى ئەمدى تار دائىرىدە داۋالغۇش ھالىتىدە ئەمەس، بەلكى كېيىنكى قەدەمدىكى مەسىلە بولسا ماي باھاسىنىڭ قانچىلىك ئۆرلەيدىغانلىقى. نېفىت باھاسى ئەڭ ئاخىرىدا كۈچەپ ھۇجۇم قىلىشنى تاللىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن ھالقىلىق ئۆزگىرىش تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج قاتلىمىدىكى كۆزلىمىنىڭ ياخشىلىنىشىدا بولدى، جۇڭگو مەركىزىي بانكىسىنىڭ مۆلچەرىدىن ئاشۇرۇپ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئېھتىياج قاتلىمىدىكى مۆلچەرىنى ئۆستۈردى، ھالبۇكى، EIA نىڭ ھەپتىلىك سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامبارنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوغۇق ئېقىم سەۋەبلىك مەھسۇلات مىقدارى بىرقەدەر چوڭ ھەم ئەسلىگە كېلىشى بىرقەدەر ئاستا بولۇپ، تەمىنلەش تەرەپتىن ناھايىتى ۋاقتىدا ياردەم بېرىلگەن، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج قاتلىمىدىن باشلاپ تەدرىجىي ھالدا بازار ئىشەنچ قايتا تۇرۇغۇزۇلغان. يەنە جۇغراپىيەلىك ئامىللار بازاردا تەشۋىش پەيدا قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ماي باھاسىنىڭ ئۆرلەش يۈزلىنىشىنى دوغا تىكىپ، ماي باھاسىنىڭ داۋالغۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا باشلىغان .

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.