كۆپ مىقدارلىق تاۋار دېگەن نېمە ؟ ئاساسلىق قايسى تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ئالاھىدىلىكىچۇ؟
كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار ئوبوروت قىلىنپ بازارغا كىرگۈزۈشكە بولىدىغان، لېكىن پارچە سېتىش ھالقىسىدا سېتىلمايدىغان تاۋار خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بۇيۇملارنى كۆرسىتىدۇ.
كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار تۆۋەندىكى 3چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى
1. يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى
2. ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى
3. ئاساسىي خام ئەشىيا
كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ كونكرېت تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى:
كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار ئىچىدىكى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى تەخمىنەن 20 خىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن دادۇر، قوناق، بۇغداي، ئارپا، ئالما، تۇخۇم، قوي يۇڭى پاختا، شېكەر، چاي، كاكائو، قەھۋە، تىرىك كالا قاتارلىقلار
2. ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى:
كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار ئىچىدىكى ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىدىن بەش خىلى بار بولۇپ، خام نېفىت، بېنزىن، پروپان، كاۋچۇك، ئىسسىنىشقا ئىشلىتىلىدىغان ماي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3. ئاساسىي خام ماتېرىيال:
كۆپ مىقدارلىق سودا تۈرلىرىنىڭ ئاساسىي خام ماتېرىيالى، يەنى مېتال مەھسۇلاتلىرىدىن ئون خىلى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، سىنك، قوغۇشۇن قاتارلىقلار بار.
4. كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈردە ئىپادىلىنىدۇ.
1. كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ تەمىنلەش مىقدارى ۋە ئېھتىياجى كۆپ.
2. كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىدا يۇقىرى-تۆۋەن داۋالغۇش چوڭ بولىدۇ.
3. كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنى توشۇش قولايلىق، ساقلاش ئاسان.
4. كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنى زاكاز مال قىلىپ ئۆلچەملەشتۈرۈش ئاسان.

