پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىستېمالچىلارنىڭ مال باھا كۆرسەتكۈچى CPI ئازراق ئۆرلىگەندىن كېيىن، 12-ئايدا ئالدىنقى ئايدىكىدىن % 0.3 ئۆرلىگەن. ئۆي ئىجارىسى، مېھمانساراي ۋە ياتاق ھەمدە مەكتەپ ياتىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياتاق تەننەرخى CPI ئۆرلەش دەرىجىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللىگەن. 12-ئايدا CPI بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 3.4 ئېشىپ، 11-ئايدا % 3.1 ئۆرلىگەن. رېتتونىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىقتىسادشۇناسلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى CPI نىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتىنىڭ % 0.2 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 3.2 ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. بۇلتۇر 6-ئايدا CPI نىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى ئاستىلاپ % 3.0 كە يەتكەندىن بۇيان، سىجىل يۇقىرى بولغان ئۆي ئىجارىسى ئىستېمالچىلارنىڭ پۇل پاخاللىقىنىڭ يەنىمۇ تۆۋەنلەش قەدىمىنى چەكلەپ قويدى. 12-ئايدىكى ئومۇمىي يادرولۇق CPI بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 3.9 ئېشىپ، 2021-يىلى 5-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ كىچىك ئېشىش نىسبىتى بولۇپ، 11-ئايدىكى ئېشىش نىسبىتى % 4.0 بولغان. گەرچە ئىستېمالچىلارنىڭ مال باھاسى يەنىلا يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ياقتۇرىدىغان پۇل پاخاللىقى كۆرسەتكۈچى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن. سانلىق مەلۇماتلار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋاقتىنىڭ بازار كۆزلىگىنىدىن كېيىن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يەنىلا ئۆسۈم قوشۇش مايىللىقىنى بىلدۈرگەن بۇ كەڭ ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئىككىلەندۈرۈپ قويغان.
مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

