خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، 12-ئايدىكى ئامېرىكا ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئايدا يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنىدىن 216 مىڭى يېڭىدىن كۆپىيىپ، مۆلچەر قىممەت ۋە ئالدىنقى ئايدىكى ئىپادىسىدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر سائەتلىك كىرىمىمۇ ئاشقان. بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئامېرىكا ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ كۈچلۈك ئىپادىسىنى نامايان قىلىپ بېرىدىكەن. ھالبۇكى، ئامېرىكا تەمىنلەشنى باشقۇرۇش جەمئىيىتى ( ISM ) نىڭ 12-ئايدىكى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ PMI سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ساھەنىڭ ئىپادىسى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولۇپ، بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سىياسەت تەڭشىشىنى قايتىدىن باھالىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نۆۋەتتە بازار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ تېخىمۇ تېز بوشىتىش دەۋرىيلىكىنى باشلىشىغا قارىتا مۆلچەرىنى كۆپەيتمەكتە.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئالتۇن بازىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ ئىپادىسى مۆلچەردىن ياخشى بولغاچقا، بازارنىڭ ئامېرىكا فېدىراتىسيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بۇ يىل تېز سۈرئەتتە ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشىگە بولغان كۆزلىمىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويغان،ھەمدە ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 12-ئايدا يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 216 مىڭ ئادەم كۆپىيىپ، بازار مۆلچەرىدىن يۇقىرى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە مائاشنىڭ ئېشىش نىسبىتىمۇ مۆلچەردىكى قىممەتتىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئالتۇن باھاسى% 0.9 چۈشۈپ كەتكەن. بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ تېز سۈرئەتتە بوش پۇل سىياسىتىگە يۈزلەنمەسلىكى مۇمكىنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن
مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

