پەيشەنبە ( 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ) ئاسىيا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن تۈنۈگۈن قاتتىق چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ئازراق ئۆرلەپ، نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسى 2045 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا سودا قىلىنغان. FXStreet نىڭ باش تەھلىلچىسى Valeria Bednarik ئەڭ يېڭى ماقالىسىدا ئالتۇننىڭ تېخنىكا جەھەتتىن تەھىلىل قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: چارشەنبە كۈنى، ئالتۇن داۋاملىق چۈشتى، نيۇيوركتىكى ۋاقىت بۆلىكىدە ئالتۇن باھاسى بىر مەھەل 2031.20 ئامېرىكا دوللىرىلىق تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى. كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ئامېرىكا ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتى كۈچلۈك بولغانلىقتىن ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان ئېھتىياج تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئامېرىكا چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ12-ئايدا ISM ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ PMI سى ئۆرلەپ 47.4 كە يېتىپ، مۆلچەر قىممەت47.1 دىن يۇقىرى بولغان، شۇنداقلا ئالدىنقى قىممەت 46.7 تىن يۇقىرى بولغان. يەنە بىر تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا 11-ئايدا JOLTs دا بوش قالغان خىزمەت ئورنى 8 مىليون 790 مىڭ بولۇپ، مۆلچەر قىممەت 8 مىليون 733 مىڭ بولغان. بۇ بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تەسىرىدە چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى ئىككى ھەپتىلىك يۇقىرى نۇقتىغا چىقىپ . مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا فېدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بۇ يىل ئۆسۈم نىسبىتىنى ئالتە قېتىم تۆۋەنلىتىدىغانلىقى توغىرىسدا بىشارەت بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئالتە خىل ئاساسلىق پۇلغا بولغان پېرۋوت نىسبىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندە بولسا، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى چارشەنبە كۈنى% 0.26 ئۆرلەپ،% 102.46 كە يېتىپ، 12-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 12-ئايلىق يىغىنىنىڭ مۇھىم خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار «ئېنىقسىزلىق دەرىجىسى ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى»بولۇشقا دىققەت قىلدىكەن ، شۇڭا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆسۈم قوشۇش مۇمكىنچىلىكى يەنىلا مەۋجۇت ئىكەن.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.