دۈشەنبە كۈنى نەق مال ئالتۇن باھاسى% 1 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىگەن بولۇپ، نۆۋەتتە بازاردا ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋاملىق چۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن،ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، 2000 ئامېرىكا دوللىرى ئۇنسىيەلىك ئاچقۇچلۇق باھاغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىش كېرەك ئىكەن، چۈنكى ئالتۇننىڭ تەخمىنەن 2020 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا يەنىلا بىر يۈزلىنىش سىزىقى تىرىكى بار ئىكەن، لېكىن ساتقۇچى تەرەپ نۆۋەتتە يېتەكچى ئورۇندا تۇرماقتا. زايومنىڭ پايدا نىسبىتى تۆۋەنلەشكە باشلىسا ياكى بازار باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئالدىنقى ھەپتىدىكى باھا يۈزلىنىشى ئەكسىگە قايتسا، ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشى ئانچە مۇمكىن بولمايدىكەن. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بازار پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ CPI سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئالتۇننىڭ كېيىنكى يۈزلىنىشىگە ھۆكۈم قىلالايدىكەن ۋە شۇنداقلا ئالتۇن باھاسىنىڭ دۈشەنبە كۈنى داۋاملىق چۈشىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپالىشى مۇمكىن ئىكەن. ھەمدە جۈمە كۈندىكى ئۈمىدۋارلىق ئامېرىكىنىڭ ئايلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتىدىن كېيىنكى ئىككى ھەپتىلىك تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەنلىك بازاردا ئالتۇن باھاسى 3ھەپتىلىك تۆۋەن نۇقتا 2016.71 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ( NFP ) دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلگەن:ئامېرىكا ئەمگەك كۈچى بازىرى يەنىلا مۇستەھكەم، ھەمدە مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ( Fed ) غا قارىتا تېخىمۇ رادىكال سىياسەت قوللىنىش كۆزلىمىسىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇر قىلدى. ئەكسىچە، بۇ يەنىلا ئامېرىكا دۆلەت زايومىنىڭ پايدا نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشىگە تىرەك بولدى، بۇ، ئامېرىكا دوللىرىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى ھەم مەبلەغنىڭ بۇ خىل پايدىسى يوق سېرىق مېتالدىن ئايرىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

