دۈشەنبە كۈنى( 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ) ئاسىيا سودا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن قىسقا سىزىقى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ، 2056.74 دوللار ئۇنسىيە بولغان. داڭلىق مالىيە تور بېكىتى FXDaily Report تەھلىلچىسى Nicholas Kitonyi ماقالە يېزىپ، ئالتۇننىڭ كېيىنكى يۈزلىنىشنى تەھلغان. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى نەق مال ئالتۇن باھاسىدا يىغىلىپ ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن ھەم بازاردا 2060 ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولغان يۇقىرى نۇقتىغا چىقىش ئەھۋالى داۋاملاشقان. قىزىل دېڭىز ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ جىددىيلىشىشى، ئالتۇننىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش مەبلەغ سېلىش ئوبيېكتى بولۇشتەك جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى نيۇ يورك ۋاقىت بۆلىكىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە، ئالتۇن باھاسى 2060 ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى سەۋىيەدە چۈشۈپ، كۈنلۈك ئۆسۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەن. نەق مال ئالتۇن ئالدىنقى ھەپتىنىڭ بەشى% 1 ئۆرلەپ، 2049.04 دوللار ئۇنسىيە بولغان. Kitonyi مۇنداق يازغان:ئالدىنقى ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسى تەخمىنەن 2062 ئامېرىكا دوللىرى ئۇنسىيەنىڭ ھەپتىلىك يۇقىرى باھاسىدىن تەخمىنەن 2046 ئامېرىكا دوللىرى ئۇنسىيەگە چۈشكەن بولۇپ، 60 مىنۇتلۇق دىئاگراممىدا، ئالتۇن داۋاملىق بىر ئۆرلەش يولىنى داۋام قىلغان بولۇپ، Kitonyi مۇنداق كۆرسەتكەن:ئالتۇن باھاسى نۆۋەتتە 100 سائەتلىك يۆتكىلىش ئوتتۇرىچە سىزىقىغا يېقىنلاشتى. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى ئاخىرقى باھانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئالتۇن باھاسىنىڭ 14 سائەتلىك نىسبەتەن كۈچلۈك، ئاجىز كۆرسەتكۈچ ( RSI ) نىڭ زىيادە سېتىۋېلىش سەۋىيەسىدىن ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بەردى ھەم ئادەتتىكى سودا رايونىغا قايتىپ كەلدى.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.