سەيشەنبە ( 1-ئاينىڭ 16-كۈنى )، ئالتۇن باھاسى 2060 ئامېرىكا دوللىرى ئۇنسىيە ئارىلىقىدىن يۇقىرى بولغان ھەپتىلىك يۇقىرى نۇقتىغا چىقالمىغاندىن كېيىن تۆكمە قىلىپ سېتىلشقا دۇچ كەلگەن. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ۋاقىت رامكىسىنى قايتا ئويلىشىشىغا ئەگىشىپ، قىممەتلىك مېتاللارنىڭ باھاسى بىردەك تۆۋەنلىگەن بۇنىڭ بىلەن، نەق مال ئالتۇن سەيشەنبە كۈنى% 1.28 چۈشۈپ، 2028.26 دوللار ئۇنسىيە بىلەن ئۇچراشقان، كۈنلۈك سودا ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 2024.16 دوللار ئۇنسىيە بىلەن ئۇچراشقان.ھەمدە دۈشەنبە كۈنىدىكى ئاخىرقى باھادىن تەخمىنەن 30 دوللار تۆۋەنلىگەن. سەيشەنبە كۈنىدىكى سودا ۋاقتىدا، ئالتۇن باھاسىدا روشەن تۆۋەنلەش ئىزى كۆرۈلۈپ، 2025 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئاچقۇچلۇق ئۆتكەل ئەتراپىدا سودا قىلىنغان. ئامېرىكا ئىقتىسادىدا ئېلاستىكلىقنىڭ ئىپادىلىنىشىگە ئەگىشىپ، ئالتۇن قاتارلىق قىممەت مېتاللار تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن، لېكىن پەقەت ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىغا قارىتا يۇقىرى ئورۇننى ساقلىسا، تۆۋەنلەش بوشلۇقى چەكلىك بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بازار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يادرولۇق پۇل پاخاللىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلدىكەن، ھەمدە ئۇلار يەنە ئەمگەك كۈچى بازىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى ئاساس قىلدىكەن، 2023-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېيىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىپادىسى كۈچلۈك بولغان بولۇپ ئىشسىزلىق نىسبىتى ماس قەدەمدە تۆۋەنلىگەن. گەرچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىقتىسادنىڭ زىيادە قىزىپ كېتىشى ئۇلارنىڭ پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا تەھدىت سېلىپ، ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن بازار بوشىتىش دەۋرىيلىكىنىڭ 3-ئايدا باشلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.