قىممەتلىك مېتال ئانالىزچىسى Sunshine Profits نىڭ قۇرغۇچىسى مۇنداق دېگەن:ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى كەسكىن ئۆرلىدى، ئاچقۇچلۇق بۆسۈش رەسمىي باشلاندى، دوللار باھاسىنىڭ 104گە چىقىشىغا دىققەت قىلىشمىز كېرەك. ئۇ يەنە مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن:ئالتۇن باھاسى 100 ئامېرىكا دوللىرى چۈشۈشى مۇمكىن، ئالتۇن باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىشمىز كېرەك. Przemyslaw ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ تەتۈر مۈرە ھالىتىنىڭ ئوڭ مۈرىسىنىڭ ھەقىقەتەن شەكىللەنگەنلىكىنى، ھەتتا ئۇزۇنلۇقىنىڭمۇ ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان، ئەگەر بۇ ھالەت قايتا ئۆرلىسە، ئۇنىڭ ھەجىمىنىڭ خېلىلا چوڭ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا باش قىسىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە باغلىق بولىدىكەن. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا، بۇ ئاز دېگەندە 104 ئەتراپىدا ئۆرلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ دەرھال ئۆرلىشىنى توسىدىغىنى ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەۋاتقان ئوتتۇرا مەزگىللىك قارشىلىق كۈچى سىزىقى بولۇپ، ئەگەر بۇ سىزىق تارتىپ چىقىرىلسا ھەمدە بۆسۈپ ئۆتەلىسە، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى ئەركىن ئۆرلەيدىكەن بۇ دەل نۆۋەتتە يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئەھۋال يەنى ئالتۇن باھاسى زور بېسىمغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئۇ تولۇقلاپ مۇنداق دېگەن:« ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى ئەمدىلا تۆۋەنلەپ ئۇزاق مۇددەتلىك تىرەش سىزىقىدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۈنۈمىنى يوقاتتى، ھالبۇكى ئالدىنقى قېتىم بۇ خىل ئەھۋال 2023-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يۈزبەرگەن ئىدى، ئۇ ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىشى ۋە قىممەت مېتاللارنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.بۇنىڭغا قارىتا قىممەت مېتال ساھەسى ھەقىقەتەن بىرقەدەر تۆۋەن باھادا ئىنكاس قايتۇردى، بۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى تۆۋەن ئۆرلەش سىزىقىنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ قالدى.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.