خەۋەرلەردە مەلۇم بولۇشىچە، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش كەيپىياتى 14ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئامېرىكا تاۋار زاكاس مال سودا كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتلىشچە، 1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى بىر ھەپتە ئىچىدە ،ۋاستىچى سودىگەرلەرنىڭCOMEX ئالتۇننىڭ ئۆسۈشكە سودا قىلىشى 24 مىڭ 19 قولدىن، 76 مىڭ 615 قولغچە بولۇپ، يېقىنقى 14 ھەپتىدىكى يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى ياراتقان . داۋمىڭ ئاكسىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەچىسى ئالتۇننىڭ ئىستىقبالىنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېگەن :« ئالتۇن باھاسىنىڭ خەۋپ – خەتىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى سەل ئۆرلىدى . گەرچە ئامېرىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتى يەنىلا كۈچلۈك بولسىمۇ ، لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يادرولۇق شەخسىي ئىستېمال چىقىمىنىڭ يۈزلىنىشىدىن پايدىلىنىپ ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى ئىسپاتلىيالايدۇ . ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئەمەس ، بەلكى پۇل قىسلىقىنى تەكىتلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ . كېمەيتىش دەۋرى ئەڭ ئاخىرىدا ئەركىن ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغان سودىگەرلەرنىڭ كاپىتالىنى جەلپ قىلىدۇ ، بۇ چوقۇم ئالتۇن باھاسىنىڭ تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى يارىتىشىنى قوللايدۇ . ئەمەلىي بۇيۇم بازىرىدا سېتىۋېلىش پائالىيىتى يەنىلا كۈچلۈك بولماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن باھاسىنىڭ خەۋپ – خەتىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ يۇقىرىغا مايىللاشتۇرىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلنىدۇ . گېرمانىيە سودا بانكىسىنىڭ ئىستراتېگىيەچىسى مۇنداق دېگەن : ئالتۇن بازىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئەڭ ئاخىرىدا تېخىمۇ مۇھىمى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ قاچان ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى ھەمدە قانچىلىك ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى . ئۇلار يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن :« ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تېز تۆۋەنلىتىش ئۈمىدىنى قوزغىتىشى ئانچە مۇمكىن ئەمەس .

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.