چارشەنبە كۈنى ( 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ) ئاسىيا بازىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، نەق مال ئالتۇنى تار دائىرىدە تەۋرىنىپ، نۆۋەتتە 2035 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا سودا قىلىنغان. سەيشەنبە كۈنى بولسا ئالتۇن باھاسى% 0.5 ئۆرلەپ، 2035.78 دوللار ئۇنسىيە بىلەن بازار يېپىلىپ، دۈشەنبە كۈنىدىكى قىسمەن چۈشۈش نىسبىتى ئەسلىگە كەلگەن، شۇڭا ئامېرىكا دوللىرى ۋە ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى تۆۋەنلەپ، ئالتۇن باھاسىنى ئۆرلەش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەن، ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، سودىگەرلەر بۇ ھەپتىدىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بىرقانچە ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى كۈتمەكتە، يەنى ئۇلار بۇ ئەمەلدارلارنىڭ سۆزىدىن بۇ يىل ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قەدىمىگە ھۆكۈم قىلىدىكەن. ئامېرىكا دوللىرى سەيشەنبە كۈنى% 0.3 تۆۋەنلىگەن، ئامېرىكىنىڭ 10 يىللىق زايومىنىڭ پايدا نىسبىتىمۇ% 1.75 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بۇ ئالتۇنغا تىرەك بولغان. داۋمىڭ ئاكسىيەسىنىڭ كۆپ مىقدارلىق تاۋار ئىستراتېگىيەچىسى Daniel Ghali مۇنداق دېگەن:ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ قايتا تەكىتلىشى مۇمكىن:گەرچە 3-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە تېخى بالدۇر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار پەقەت پۇل پاخاللىقى جەھەتتە ئوخشاش ئىپادىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىلا، ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش دەۋرىنى باشلىيالايدۇ. بۇ ھەپتىدە ئاز دېگەندە سەككىز نەپەر ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى سۆز قىلىدۇ. ئالدىنقى ھەپتە كۈچلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، سودا خادىملىرى ئامېرىكىنىڭ 3-ئايدىكى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىگە بولغان مۆلچەرى ئاجىزلىغان.شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلار بازار كۆزلىمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن. «ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كۆزىتىشى»گە ئاساسلانغاندا:ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 3-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى% 5.25 تىن% 5.50 كىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزگەرتمەسلىك ئېھتىماللىقى% 80.5، ئۆسۈم نىسبىتىنى 25 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلىتىش ئېھتىماللىقى% 19.5 بولغان. 5-ئايغىچە ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك ئېھتىماللىقى% 33.2، ئۆسۈم نىسبىتىنى جەمئىي 25 نۇقتا تۆۋەنلىتىش ئېھتىماللىقى% 55.3، ئۆسۈم نىسبىتىنى جەمئىي 50 نۇقتا تۆۋەنلىتىش ئېھتىماللىقى% 11.5 بولغان.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.