ئالدىنقى جۈمە كۈنى قىزىل دېڭىزنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتكەندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ ماي پاراخوتىنىڭ قىزىل دېڭىزدىن يولىنى ئۆزگەرتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭ بىلەن ماي پاراخوتى شىركىتى Hafnia قىزىل دېڭىزنىڭ جەنۇبىدىكى بارلىق دېڭىز قاتنىشىنى توختاتقان، سۇ تىرانسپورتى شىركىتى TORM قىزىل دېڭىزنىڭ جەنۇبىدىكى بارلىق توشۇشنى ۋاقتىنچە توختاتقان، بۇنىڭ  بىلەن نېفىت باھاسى جۈمە كۈنى % 1 ئۆرلىگەن. ئامېرىكا سىتېكساسنىڭ ئوتتۇرا سۈپەتلىك خام نېفىت قەرەللىك مېلى 2024-يىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەندىن كېيىن ھەر بىر تۇڭىنىڭ باھاسى 75.25 دوللار بولغاندىن كېيىن قايتا ئۆرلەپ، ئۆرلەش نىبسىتى% 0.92 بولغان ھەمدە ھەر بىر تۇڭنىڭ باھاسى 75.78دوللارلىق باھا بىلەن بازار يېپىلغان. تەھلىلچىلەر ۋە ساھە مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق كۆرسەتكەن : گەرچە يولنى ئۆزگەرتىش نېفىت توشۇش تەننەرخى ۋە ۋاقتىنى ئاشۇرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن تەمىنلەش تېخى تەسىرگە ئۇچرىمىدى، بۇنىڭ بىلەن پەقەت ئىلگىرىكى باھانىڭ قىسمەن ئۆسۈشى پەسەيدى. بۇ ھەپتە، برېنت خام نېفىتى% 0.5 تۆۋەنلىدى WTI بولسا % 1.1تۆۋەنلىدى. بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا، ئەڭ چوڭ ئېكسپورت دۆلىتى سەئۇدى ئەرەبىستانى باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت زاپىسىنىڭ تاسادىپىي كۆپىيىشى تەمىنلەش ئەندىشىسىنى قوزغىغان. مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى كاۋانار تېغى مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ لىدىرى مات سىتېفېننى ( Matt Stephani ) مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:«گەرچە قىزىل دېڭىزدا توشۇش كەمچىل بولسىمۇ… ھەقىقەتەن خام نېفىت بىلەن تەمىنلەشكە توشۇش مەسىلىسى ئېلىپ كەلدى، لېكىن ھازىرغا قەدەر ئەمەلىي نېفىت بازىرىغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن كىچىك.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.