ياۋروپا سودا ۋاقتىدا، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئازراق كۈچىيىشى بىلەن ئالتۇننىڭ ئۆسۈش يۈزلىنىشى بىر ئاز ئاستىلىغان، لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى سىياسەت تۈزگۈچىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى سىجىل خاھىشى ئامېرىكا دوللىرىنى داۋاملىق بېسىمغا ئۇچراتقان. ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، جۇغراپىيەلىك سىياسىي جىددىي ۋەزىيەت بۇ ھەپتىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ئامىلغا ئايلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قىزىل دېڭىز ئېنىقسىزلىق پەيدا قىلىدىغان مۇھىم جايغا ئايلانغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدىغاندەك كەيپىيات پەيدا قىلغان. ئەگەر ئوتتۇرا شەرقتىكى سىجىل توقۇنۇش ۋە جىددىي ۋەزىيەتتە ھەل قىلىش لايىھەسى تېپىلمىسا، ئالتۇن داۋاملىق يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىلكەن ھەم تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشىدىكەن. ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى پاۋېل باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن:قىسىش مۇددىتى ئاخىرلاشتى، كېلەر يىلىدىكى بوشىتىش سىياسىتى ئۈچۈن يېڭى سەيىپە ئاچتۇق، مەن ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىشنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردۈم. ھالبۇكى، ئالدىنقى ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى، نيۇيورك بىرلەشمە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون ۋىليامس رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېگەن:مەسىلە پۇل سىياسىتىنىڭ يېتەرلىك چەكلىمە خاراكتېرلىك ياكى ئەمەسلىكىدە. شۇنداق بولسىمۇ، چىكاگو زاكاز مال سودا بازىرى ( CBOT ) نىڭ فېدېراتسىيە فوندى زاكاز مال توختامىغا ئاساسەن، پۇل بازىرى زاكاز مېلى 2024-يىلى 12-ئايدا ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشنىڭ 135 ئاساسىي نۇقتىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 3-ئايدا ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش ئېھتىماللىقى% 70 بولغان .
مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

