2023-يىلىدىكى ئالتۇن بازىرىنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى ئەسلىسەك 2023-يىلى، ئالتۇن بازىرى بىر قاتار يەر شارىۋى ۋەقەلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، يەنى بۇ بىر قاتار ۋەقە ھادىسىلەر ئالتۇننىڭ قىممىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ۋەقەلەر ئىچىدىكى، بانكا كەسپىدىكى كىرىزىس ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىيدىكى جىددىي ۋەزىيەت ئەڭ ئاچقۇچلۇق ئامىلغا ئايلانغان. 2008-يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن بۇيان، كىرېمنىي جىلغىسى بانكىلىرىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۆپلىگەن بانكىلارنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قېلىشى كەڭ كۆلەملىك بانكا كەسپى كىرىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، مەبلەغ سالغۇچىلار بەس-بەستە ئالتۇنغا يۈزلىنىپ، ئۇنى پاناھلىنىدىغان جاي دەپ قارىغان. بۇ خىل مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجى ئالتۇن باھاسىنىڭ تېز ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئالتۇن باھاسى يېقىنىقى قىسىقا مەزگىل ئىچىدە بىرمەھەل 2000 دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېقىندا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان توقۇنۇش جۇغراپىيەلىك سىياسىيدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن، بۇ ئالتۇننىڭ خەۋپتىن ساقلىنىدىغان مۈلۈك بولۇش جەلپ قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردىكەن. پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىكى قىيىنچىلىق بىلەن جۇغراپىيەلىك سىياسىيدىكى مۇقىمسىزلىق ئالتۇننىڭ داۋالغۇش مەزگىلىدە مۇقىم مەبلەغ سېلىش قىممىتىنى ئورتاق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىكەن. مەبلەغ سالغۇچىلار ئالتۇننى بىر خىل قوغداش خاراكتېرلىك مۈلۈك قىلىشقا مايىل بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي داۋالغۇش مەزگىلىدىكى خەۋپتىن ساقلىنىش ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن. بۇ مەزگىلدىكى تۇراقسىز مەزگىلدە ئالتۇن باھاسىدا زور داۋالغۇش كۆرۈلۈپ، ئۇنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش بىرىكمىسىدىكى مۇھىملىقى گەۋدىلەندى.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.