ئامېرىكىدىكى دەسلەپكى ئىشسىزلىق تەلىپى سانى ئازراق ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا تارىختىكى تۆۋەن ئورۇندا تۇرغان، ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى ئىشسىزلىق پۇلىغا ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانى218 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئازراق ئاشقان. 12-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە بولغان بىر ھەپتىلىك مۆلچەر سانى210 مىڭ بولۇپ، ئانالىزچىلارنىڭ قارشىچە، سانلىق ئۇچۇرلار دەم ئېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە ھەمىشە مۇقىم بولمايدىكەن. گەرچە ئالدىنقى ھەپتىنىڭ بېشىدا ئىشسىزلىق پۇلىنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانى ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا تارىختىكى تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان، بۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېھتىياج مۇقىم بولغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، كارخانىنىڭ خادىم قىسقارتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردىكەن. دەسلەپكى ئىشسىزلىق پۇلىغا ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ مۆلچەر سانى ئالدىنقى مۆلچەر قىممەتتىن ئازراق ئېشىپ كەتكەن، ئامېرىكا دۆلەت زايومىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى يوققا چىققان. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى ئازراق ئۆرلىگەن، بۇ نيۇ يوركنىڭ ئاخىرقى سودىسىدا، ئامېرىكىنىڭ 10 يىللىق تۈپ دۆلەت زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى 4.24 ئاساسىي نۇقتا ئۆرلەپ، % 3.8369 كە يەتكەن. ئىككى يىللىق ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى 3.10 تۈپ نۇقتا ئۆرلەپ،% 4.2726 كە يەتكەن. 20 يىللىق قەرەللىك ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى 2.85 تۈپ نۇقتا ئۆرلەپ، 30 يىللىق قەرەللىك ئامېرىكا زايومىسىنىڭ پايدا نىسبىتى 2.54 تۈپ نۇقتا ئۆرلىگەن. ئۈچ يىللىق قەرەللىك ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى 3.89 تۈپ نۇقتا ئۆرلەپ، بەش يىللىق قەرەللىك ئامېرىكا زايومىدا پايدا نىسبىتى 3.95 تۈپ نۇقتا ئۆرلىگەن، يەتتە يىللىق قەرەللىك ئامېرىكا زايومنىڭ پايدا نىسبىتى 5.07 تۈپ نۇقتا ئۆرلىگگن. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكىنىڭ 12-ئايلىق يېزا -ئىگلىكىدىن باشقا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى داۋاملىق 170مىڭ كىشىنىڭ ئۈستىنى ساقلايدىكەن.
مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

