ئىقتىسادشۇناس Chris Anstey مۇنداق دېگەن:چەكلەش خاراكتېرلىك مەيداننى ساقلاش ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى پاۋېل ئىلگىرى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىككى خىل لايىھەسىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، بىرى، ئىقتىساد نورماللاشقاندا ئۆسۈم تۆۋەنلىتىلگەن، يەنە بىرى، ئىقتىساد چېكىنگەندە ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇر بولغان. بۇ ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشكە باشلىغان تەقدىردىمۇ، پۇل سىياسىتىنىڭ يەنىلا بەلگىلىك چەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا، يىغىن مۇھىم خاتىرىسىدىكى بىر مەزگىل چەكلىمە خاراكتېرلىك مەيدان قوللىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى باھالارغا قارىتا، بىز ئېنىق پوزىتسىيەدە بولۇشىمىز كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىدىن نېك ماقالە يېزىپ مۇنداق كۆرسەتكەن:بەزى ئەمەلدارلار تەمىنلەش زەنجىرى ۋە ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاسان قىسمى تاماملاندى، دەپ قارىغان. بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پەقەت ئۆسۈم نىسبىتىنى ئىقتىسادنى تىزگىنلەشكە كېرەكلىك سەۋىيەدىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلىسا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ھالبۇكى، يەنە بەزىلەر تەمىنلەش جەھەتتىكى ياخشىلىنىش داۋاملىشىشى مۇمكىن، دەپ قارىغان، لېكىن ماس قەدەمدە يەنە يادرولۇق تاۋارلارنىڭ باھاسى ئۆرلىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆسۈم قوشۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. بىراق، پۇل پاخاللىقى ۋە مائاشنىڭ ئېشىشى ئاستىلىغاچقا، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى خېلىلا ئايدىڭلاشقان. بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ مۇۋاپىق پۇل سىياسىتى تۈزۈشكە تېخىمۇ كۆپ بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئىقتىساد تۆۋەنلىگەندە ئۆسۈم نىسبىتىنى تېز تۆۋەنلىتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، ئىقتىساد سىجىل كېڭەيگەن تەقدىردىمۇ، ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى ئويلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

