دۇنيا ئالتۇن جەمئىيىتى مۇنداق دېگەن:«بۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ ھەر يىلى 1-ئايدا ئۆرلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىرنەچچە يىلدىن بۇيان بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمىدى، يېقىنقى بىر قېتىملىقى 2021-يىلى ۋە 2022-يىلىدا يۈز بەردى 1-ئايدىكى پايدا نىسبىتى مەنپىي بولغان يىل ئادەتتە ئامېرىكا دوللىرى كۈچەيگەن مەزگىل بىلەن ماس كېلىدۇ. «لېكىن بازارنىڭ 2024-يىلىغا قەدەم قويۇشىغا ئەگىشىپ، ئالتۇن يەنە بىر كۈچلۈك 1-ئاينى كۈتۈۋېلىشى مۇمكىن. ئالدى بىلەن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم قوشۇشنى ۋاقتىنچە توختاتتى، كۆپ ساندىكى كىشىلەر مەركىزىي بانكىنىڭ كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئۆسۈم تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. بۇ دوللارنىڭ كۈچىيىشىنى تىزگىنلەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بازارنىڭ 2024-يىلىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ زور دەرىجىدە ئاجىزلاشقانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. بۇ 2023-يىلىنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىغىچە داۋاملاشقان ئالتۇننىڭ ئاساسلىق تەتۈر شامالنى يوقىتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە جۇڭگونىڭ ئالتۇن بازىرىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىمۇ كۆردۇق. بۇ بەلكىم جۇڭگونىڭ يېڭى يىلىغا قەدەم قويۇشىغا ئەگىشىپ ئېھتىياجنىڭ ئاشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. گەرچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كۆزلىمىسىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلىيەتتە پۇل پاخاللىقىغا بولغان كۈچلۈك خاھىشىنىڭ تەسىرىدە، ئالتۇن باھاسى ئىزچىل ئۆرلىگەن. 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئالتۇن باھاسى 1980-يىلىدىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئالتۇن باھاسى بىر مەھەل ئۆرلەپ 2080 دوللارغا يەتكەن. ئەگەر تارىخىي يۈزلىنىش ئۆزگەرمىسە، 2024-يىلىنىڭ بىرىنچى ئېيىدا ئالتۇننىڭ داۋاملىق ئۆرلىگىنىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.ھەمدە بۇ ئالتۇن سېتىۋالدىغان ياخشى پۇرسەت ھېسابلىندىكەن.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.