XEmpire نىڭ تەھلىلچىسى James Hyerczyk مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:ئالتۇن باھاسى نۆۋەتتە 200 كۈنلۈك يۆتكىلىشچان ئوتتۇرىچە سىزىقى 1960.99 دوللار ھەمدە 50 كۈنلۈك يۆتكىلىشچان ئوتتۇرىچە سىزىقى 2006.97 دوللاردىن يۇقىرى ئورننى ساقلىغان بولۇپ، بۇ ئورۇن ئۆرلەش كەيپىياتىنى ئىپادىلەيدىكەن. شىۋېيتسارىيە ئالتۇن-كۈمۈشنى تاۋلاش ۋە پۇل مۇئامىلە گۇرۇھى MKS Pamp نىڭ ئىستراتېگىيەچىسى Nicky Shiels بىر سودا دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن:«2024-يىلىنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدە بازارنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئۆرلەيدۇ. ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى ياۋرو رايونىدىكى پۇل پاخاللىقى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە مائاش سانلىق مەلۇماتى ھەمدە چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يىغىنىنىڭ مۇھىم خاتىرىسىنى قوشقاندا، ئەينى چاغدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئۆسۈم نىسبىتىنى 20 يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىدا ئۆزگەرتمەي ساقلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن لېكىن 2024-يىلى ئۆسۈم يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. Shiels يەنە مۇنداق دېگەن:بۇ خاتىرىلەر «پاۋېلنىڭ ئويۇن قائىدىسىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئۆسۈم قوشماسلىق خاھىشىنىڭ مەيدانىنى ئېچىپ بېرىدۇ». 2024-يىلىدىكى تۇنجى پارچە ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ( NFP ) مۇشۇ ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلىندۇ، بۇنىڭ بىلەن بازار كەيپىياتىدا داۋالغۇش كۆرۈلۈشى مۇمكىن. 12-ئايدىكى NFP دا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىش ئورنى 199 مىڭ168 دىن ئازراق تۆۋەنلەيدىكەن. چارشەنبە كۈنى ISM ياسىمىچىلىق ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى يىغىن خاتىرىسىنى ئېلان قىلىدىكەن، ئارقىدىن پەيشەنبە كۈنى 12-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بولغان بىر ھەپتىلىك AGDP ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۆزگىرىشى ۋە دەسلەپكى ئىشسىزلىق تەلىپى سانى ئېلان قىلىنىدىكەن ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوتتۇرا شەرىقنىڭ جۇغراپىيلىك جىددى ۋەزىيىتى قاتارلىقلار ماس ھالدا بازارنىڭ كەيىپىياتىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلدىكەن.

