يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋەرلەردە مەلۇم بولۇشىچە، يەر شارى پۇل مۇئامىلە بازىرى 2024-يىلىغا قەدەم قويۇپ، نۇرغۇن سودا ئورۇنلىرى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى بازارنى توختاتقان،يەنى ئالتۇن باھاسى ئاكتىپ بولغان قىياپەت بىلەن يېڭى بىر يىلغا قەدەم قويۇپ، ئۆتكەن بىر يىلدا ھەممىنى ھەيران قالدۇردىغان تارىختىكى يۇقىرى سەۋىيەنى يېڭىلىغان، بىراق، 1-ئاينىڭ كۆپ قىسىمىدا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش يۈزلىنىشى يەنىلا يۇقىرى سالماقنى ئىگەللەيدىكەن، ئۇنداقتا بۇ قېتىم يەنە تارىختىكى يۇقىرى نۇقتا يېڭىلىنامدۇ؟ بۇ ھەممە دىققەت قىلدىغان يېڭى سۇئال بولۇپ قالغان. دۇنيا ئالتۇن جەمئىيىتىنىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، ئالتۇننىڭ بىر يىلنىڭ بىرىنچى ئېيىدىكى ئىپادىسى ھەمىشە ياخشى بولىدىكەن. 1971-يىلىدىن بۇيان، ئالتۇننىڭ 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە پايدا نىسبىتى% 1.79 بولغان. بۇ ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئايلىق ئوتتۇرىچە سەۋىيەنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئوخشاش بىر مەزگىلدە، ئالتۇن باھاسى 1-ئايدا% 60 كە يېقىن پايدا ئېلىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. 2000-يىلىدىن ھازىرغىچە، ئالتۇن باھاسى 1-ئايدا% 70 ئۆرلىگەن. دۇنيا ئالتۇن جەمئىيىتى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ئۈچ ئامىل ئالتۇننىڭ 1-ئايدىكى ئىپادىسىنى جانلاندۇرۇشى مۇمكىن يەنى:يىل بېشىدا مەبلەغ سېلىش گۇرۇپپىسى قايتا تەڭپۇڭلىشىدۇ؛ ئەمەلىي پايدا نىسبىتى پەسىللىك ئاجىزلىشىدۇ؛ شەرقىي ئاسىيا دېھقانلار كالېندارى بويىچە يېڭى يىلدىن بۇرۇن قايتىدىن ئالتۇن ساقلىۋالىدۇ. شۇڭا يۇقارقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئالتۇن باھاسى يەنىلا يۇقىرى بولغان بىر ئاينى كۈتىۋېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

