ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۇ يىل 7-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن، ئىزچىل ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ كەلگەن، خالىغانچە ئۆسۈم قوشۇشنى توختىتىشنى ئېنىق بىلدۈرمىگەن، لېكىن بازارنىڭ ئورتاق تونۇشى شۇكى، ئۈچ قېتىم ئۇدا ۋاقىتلىق توختىتىش ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. بىراق، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئىزچىل ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە ئالدىرىماسلىق توغرىسىدا سىگنال تارقاتقان، لېكىن بازار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى باشلاش ۋاقتىنى كېلەر يىلى 3-ئايغا ئالدىغا سۈرگەن ھەمدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىدىن كېلەر يىلى ئالتە قېتىم ئۆسۈم تۆۋەنلىتىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىپ ئۆسۈم نىسبىتى جەمئىي 150 ئاساسىي نۇقتا، يەنى كېلەر يىلى 11-ئايدا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە فوندى ئۆسۈم نىسبىتى% 5.25-% 5.50 تىن% 3.75-% 4.00 كە تۆۋەنلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. بازار كۆزلىمىسى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 2023-يىلى 12-ئايدىكى ئۆسۈم نىسبىتىنى كېڭىشىش يىغىنىنىڭ نۇقتا خەرىتىسىدە كۆرسىتىلگەن 75 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلەش نىسبىتىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئامېرىكا پۇل پاخاللىقىنىڭ سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ تۆۋەنلىشى شەخسىي ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولماستىن، بەلكى تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە تېخىمۇ كۆپ تايىنىدۇ. بەزى تاراتقۇلار تەھلىل قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن:ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى يەنىلا بىرقەدەر كۈچلۈك ئېلاستىكلىقنى ساقلىماقتا. 2023-يىلى 11-ئايغا قەدەر، ئامېرىكىدا ئىشسىزلىق نىسبىتى% 3.7 بولۇپ، ئالدىنقى مەزگىلدىكى تۆۋەن ئورۇندىن% 0.3 ئۆرلىگەن.
مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

