زاكاز مال بازىرى ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم بويىچە سودىلىشىدىغان ھەمدە ئالدىن بەلگىلەنگەن ۋاقىت بويىچە ھېساب ئۈزىدىغان پۇل مۇئامىلە بازىرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بەلگىلىك قائىدە بويىچە زاكاز مال سودىسى قىلىدىغان ئورۇن. ئۇنداقتا زاكاز مال دېگەن نېمە؟ زاكاز مالنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بار؟
زاكاز مالنىڭ نەق مالدىن ئىبارەت بۇ خىل ھەقىقىي سودىلىشىشقا بولىدىغان تاۋارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھدىلىكى شۇكى، زاكاز مالدا سېتىلىدىغىنى مال بولماستىن، بەلكى پاختا، دادۇر، نېفىت قاتارلىق مەلۇم خىل چوڭ مەھسۇلاتلار شۇنىڭدەك مەسىلەن، پاي چېكى، زايوم قاتارلىق پۇل مۇئامىلە مۈلكى نىشان قىلىنغان ئۆلچەملەشكەن سودىلىشىشقا بولىدىغان توختام.
زاكاز مالنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بار
1. توختام ئۆلچەملەشكەن.
توختامدىكى بارلىق ماددىلار، مەسىلەن، تاۋار مىقدارى، كاپالەت پۇلى نىسبىتى، ھېساب ئۈزۈش ئورنى، ھېساب ئۈزۈش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئالدىن بەلگىلەنگەن بولۇپ، پەقەت باھاسىلا بازارغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ.
2. سودا مەركەزلەشكەن.
زاكاز مال سودىسى چوقۇم زاكاز مال بازىرىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. زاكاز مال بازىرى يۈكسەك دەرىجىدە تەشكىللەنگەن بازار بولۇپ، سودا ئورنىدا ئەزالىق تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، پەقەت ئەزالارلا سودا بازىرىغا كىرىپ سودا قىلسا بولىدۇ. بازار سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار پەقەت ۋاسىتىچىلىك شىركىتىگە زاكاز مال سودىسىغا قاتنىشىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.
3. قوش يۆنىلىشلىك سودا بولۇپ خەتەردىن ساقلىنىش مېخانىزمى بار.
زاكاز مال سودىسىدا ئاۋۋال سېتىۋېلىپ، ئاندىن سېتىشقىمۇ بولىدۇ. خەتەردىن ساقلىنىش مېخانىزمى بولسا ئامبار قۇرغاندىكى سودا يۆنىلىشى قارىمۇقارشى بولغان سودا ئارقىلىق ۋەدىگە ئەمەل قىلىش مەسئۇلىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.
4. كاپالەت پۇلى تۈزۈمى. ئاز مىقداردا كاپالەت پۇلى تاپشۇرسا، ئادەتتە توختام قىممىتىنىڭ% 5-% 10 ى بويىچە پۈتۈن زاكاز مال سودىسىنى تاماملىغىلى بولىدۇ. شۇڭا زاكاز مال سودىسى كىچىك دائىرىدە ئېلىشىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ھەم پايدا ئېلىش پۇرسىتىنى كۆپەيتكىلى، ھەم خەۋپ-خەتەرنى جانلىق كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

