يېقىندىقى سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئەگەر ئالتۇن باھاسى توققۇز يىللىق دەۋرىيلىككە پارچىلانسا، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئوتتۇرىچە يۈزلىنىشى بىلەن ئالدىنقى دەۋرىيلىكى ( 2014-2023 ) روشەن سىممېترىك بولىدىكەن. توماس مۇنداق دېگەن:«بىز رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئالتۇن باھاسىنىڭ يۈزلىنىشى بىلەن ئىلگىرى كۆزىتىلگەن يۈزلىنىشنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە سىممېترىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، دەۋرىيلىك ھازىرقى باسقۇچتىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئوتتۇرىچە يۈزلىنىشى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بىلدۈرىدۇكى، يوشۇرۇن يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئىمپۇلسلىق ئۆرلەش كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ھەمدە ئۆسۈش قىممىتى 12 ئاي ئىچىدە% 30 كە يېتىدىكەن. بۇ خىل دەۋرىيلىك ئۆرلەش يۈزلىنىشىدىكى ھەرقانداق چەتنەشنىڭ ھەممىسى كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي يوققا چىقىشى مۇمكىن. «شۇنىڭ ئۈچۈن، 2024-يىلى 2023-يىلىدىكىدىن تېخىمۇ داۋالغۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇنداق بولغاندا 2023-يىلىدىكى ئوتتۇرىچە تەۋرىنىش نىسبىتى % 10 تىن تۆۋەن بولدىكەن. ئەڭ ئاخىرىدا، تېخنىكىلىق تەھلىلدە كۆرسىتىلىشىچە، ئالتۇننىڭ ئاساسلىق قارشىلىق كۈچى ئورنى ھەر ئۇنسىيەسى 2075 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولۇپ، 2020-يىلىدىن بۇيان بۇ قارشىلىق كۈچى ئورنى تۆت قېتىم سىنالغان بولسىمۇ، لېكىن بىردەك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان. ئەكسىچە، ئاساسلىق تىرەكلىك ئورنى 1820 ئامېرىكا دوللىرى، 1680 ئامېرىكا دوللىرى ۋە 1620 ئامېرىكا دوللىرى ئۇنسىيە رايونىنىڭ تۆۋەن نۇقتىسى بولغان. شۇڭا، ھەر ئۇنسىيەسى 2075 ئامېرىكا دوللىرىلىق قارشىلىق كۈچى ئورنىدا سىجىل بۆسۈش ھاسىل قىلىش نەزەرىيەۋى نىشاننىڭ ھەر ئۇنسىيەسى 2330 ئامېرىكا دوللىرى، 2470 ئامېرىكا دوللىرى ۋە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2520 ئامېرىكا دوللىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. باھا بىلەن ئاساسلىق يۆتكىلىش ئوتتۇرىچە سىزىقى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ناھايىتى كىچىك بولغاچقا، بۇمۇ يۈزلىنىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئىسپاتلايدىكەن. بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈمدارلىقى چوقۇم 2024-يىلى ئەتىيازدىن 2025-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە جەزملەشتۈرۈلۈشى كېرەك ئىكەن، چۈنكى بۇ مەزگىلدىن ئېشىپ كەتسە، نىشاننىڭ ئىشەنچلىكلىكى تۆۋەنلەيدىكەن.

 

 

 

 

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.