ھەممزىگە ئايان، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يۈزلىنىشى بولسا ئانالىزچىلار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ئامېرىكا دوللىرى يەر شارىۋى پۇل مۇئامىلىدە يادرولۇق رول ئوينايدىغان بولغاچقا، ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كاساتلاشقان ئامېرىكا دوللىرى ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورتىنى چەت ئەلدە تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە قىلىدۇ ھەمدە چەت ئەلنىڭ پايدىسىنى تېخىمۇ ئەرزان ھالدا ئامېرىكا دوللىرىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ پايدىسىنى ئاشۇرىدۇ. FactSet نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچ ئىچىدە تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسىم شىركەت% 50 تىن ئارتۇق تىجارەت كىرىمى ياراتقان. 12-ئاينىڭ بېشىدا 71 نەپەر تاشقى پېرېۋوت ئىستراتېگىيەچىسىگە قارىتىلغان رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەلق رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مۆلچەرلىنىشىچە ئامېرىكا دوللىرى 2024-يىلى G 10 پۇلىغا نىسبەتەن ئاجىزلىشىدىكەن، ئۇنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ كۆپ قىسمى يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا يۈز بېرىدىكەن. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمى كېلەر يىلى ئامېرىكا ئىقتىسادىنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىپادىسى ھەمدە ھەرقايسى دۆلەت مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ پۇل سىياسىتىنى تەڭشەش سۈرئىتىگە باغلىق بولۇشى مۇمكىن. ھازىرغا قەدەر، ئەھۋالنىڭ ئىپادىسى تەكشى بولمىغان.كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ياۋرو رايونىدا 12-ئايدا ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ تۆۋەنلىشى بۇ رايون ئىقتىسادىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك چېكىنىشكە پېتىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. شۇنداق بولسىمۇ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كۆزلىمىسىنى توسقان، چۈنكى ئۇ ئىزچىل پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ياۋرو دوللارغا سېلىشتۇرغاندا بۇ يىل% 2.4 ئۆرلىگەن. Neuberger Berman يۇقىرى دەرىجىلىك مەبلەغ سېلىش بىرىكمە دىرېكتورى Thanos Bardas مۇنداق دېگەن:«باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاستىلىشى تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. ئۇ كەلگۈسى 12 ئايدىكى ئامېرىكا دوللىرىغا قارىتا ئۈمىدۋار قاراشتا بولدى، «ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاندىن ئاستىلايدۇ.”

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.