گەرچە ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك يۈزلىنىشى دوللارنىڭ چۈشۈشىنى چەكلەپ قويۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 12-ئايدىكى يۈزلىنىشى دوللارنىڭ 2024-يىلى داۋاملىق ئاجىزلىشىش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتۋەتكەن. 2022-يىلى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم قوشۇپ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ قەرز پۇل تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشىگە بەرگەن ۋەدىسى، بۇ يىل ئامېرىكا دوللىرىدا غايەت زور دەرىجىدە داۋالغۇش پەيدا قىلغان. ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يىغىنى بىر كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشتىن دېرەك بەرگەن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى پاۋېل مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:پۇل پاخاللىقى تۆۋەنلىگەچكە، ئۆسۈم نىسبىتىنى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە ئۆستۈرىدىغان تارىخىي خاراكتېرلىك پۇل سىياسىتىنى قىسىش ئاخىرلىشىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە بازار كېلەر يىلى ئۆسۈم نىسبىتىنى 75 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك مۆلچەرلىدى. ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئادەتتە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پايدىسىز ئامىلى دەپ قارىلىپ، ئامېرىكا دوللىرى مۈلكىنىڭ پايدا قوغلىشىدىغان مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۇنچە جەلپ قىلىش كۈچى بولمايدۇ. گەرچە ئىستراتېگىيەچىلەر ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كېلەر يىلى ئاجىزلايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن تېخىمۇ تېز ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش قەدىمى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ چۈشۈشىنى تېزلىتىشى مۇمكىن ئىكەن. Societe Generale نىڭ باش تاشقى پېرېۋوت ئىستراتېگىيەچىسى Kit Juckes مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رادىكال پۇل سىياسىتىنىڭ قىسقىرىشى ھەمدە يۇقۇمدىن كېيىنكى مەزگىلدىكى سىياسىتى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سىياسەتنى بوشاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشىغا ئەگىشىپ، «بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئۆرلەشلەر ئەكسىگە قايتىشى مۇمكىن »
مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

