پەيشەنبە كۈنى ( 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ) ئالتۇن باھاسى چۈشكەن، بىراق ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى بولغاندا، 2088 . 29 دوللار بىلەن ئۇچرىشىپ، بازارنىڭ ئاخىرىدا % 0 . 4 چۈشۈپ ھەر ئۇنسىيەسى 2069 . 79 دوللار بولغان . شۇ كۈنى ئامېرىكا دوللىرى ۋە ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن قايتا ئۆرلەپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى يۇقىرى ئورنىغا قايىتىپ كەلگەن. بۇ ھال ئالتۇننىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىنى تەڭشەش خاراكتېرلىك تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولغان. پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى % 0 . 3 ئۆرلەپ، كۆرسەتكۈچ 10 يىللىق زايومنىڭ پايدا نىسبىتىمۇ ئازراق ئۆرلەپ ، 7 – ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدىن ئايرىلغان. دوللارنىڭ تۆۋەن نۇقتىدىن ئۆرلىشى ئالتۇننىڭ بەلگىلىك پايدىغا ئېرىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ئالتۇننىڭ ئۆرلەش قىزغىنلىقىنى ۋاقتىنچە پەسەيتكەن . ھالبۇكى ، ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ كېلەر يىلى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە كىرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۆلچەر گويا بازارغا مەھكەم مۇقىملىشىپ قالغاندەك كەيپىات پەيدا قىلغان. چۈنكى ، 2023 – يىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق يىغىندا ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئاستىلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھەم 2024 – يىلى ئۆسۈم ئۆستۈرۈلمەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە 75 ئاساسىي نۇقتا بولغان بوش سىياسەتنى يولغا قويىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ، بازار نۆۋەتتە 3 – ئايلىق ۋە 5 – ئايلىق ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش كۆزلىمىسىنى قوبۇل قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا ، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىنىڭ شەخسىي ئىستېمال چىقىمى ( PCE ) باھا كۆرسەتكۈچى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېيىنكى قەدەمدىكى مۆلچەرىگە توغرا چىقىشىغا تۈرتكە بولغان. ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئامېرىكا دوللىرىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئامېرىكا دوللىرىنى ئۆتكەن بىرنەچچە سودا كۈنىدە تۆكمە قىلىپ سېتىش بېسىمىغا دۇچار قىلغان . 2024 – يىلىغا كىرگەندە ، ئەگەر ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش جەھەتتە سىلىق قونۇشنى ئىشقا ئاشۇرالىسا ، بەلكىم ئالتۇننىڭ تەۋرىنىشى ئۇنچە كەسكىن بولماسلىقى مۇمكىن . ئەگەر ئامېرىكا ئىقتىسادىدا چېكىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ، ئۇنداقتا تېز سۈرئەتتە ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش مۆلچەرى تېخىمۇ تېز ئۆرلەيدىكەن ، شۇ چاغدا ئالتۇننىڭ جەلپ قىلىش كۈچىمۇ ماس قەدەمدە يەنىمۇ يۇقىرى ئۆرلەيدىكەن.
مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

