خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ 12-ئايدىكى غەيرى سانلىق مەلۇماتى مۆلچەردىن ياخشى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مائاشنىڭ ئۆسۈشى كۈچلۈك بولۇپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 3-ئايدىن باشلاپ ئۆسۈم تۆۋەنلىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۆلچەرىدىن گۇمان پەيدا قىلغان. پۇل پاخاللىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر قەدەر ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سائەتلىك ئىش ھەققى ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى % 0.4 ئېشىپ، 34.27 دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 4.1 ئاشقان. يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، CME ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش قورالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 1-ئايلىق يىغىنىدا ئاساسىي جەھەتتىن تۇرغۇن ھالەتنى ساقلىغان بولۇپ، 3-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى 25 ئاساسىي نۇقتا قىلىپ تۆۋەنلىتىش نسبىتى% 56 بولغان، ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى مۆلچەردىن كۈچلۈك بولۇشتىن ئىلگىرى، ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئېھتىماللىقى% 65 كە يېقىنلاشقان. سودا خادىملىرى يەنە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش نىسبىتىگە بولغان قارىشىنى تۆۋەنلەتكەن بۇ نۆۋەتتە نۆۋەتتىكى% 5.25 تىن% 5.5 كىچە بولغان دائىرىدىكى سىياسەت ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ يىل ئاخىرىدا% 4 تىن سەل يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن. يەنى ئۇلار يىل ئاخىرىدىكى سىياسەت ئۆسۈم نىسبىتىنى% 4 تىن تۆۋەن قىلىپ بېكىتكەن. گولدمان سىچىس مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ مۇقىم كىرىمى كۆپ تارماقنىڭ مەبلەغ سېلىش مەسئۇلى Lindsay Rosner مۇنداق دېگەن :سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بازارنىڭ ئشىقا ئورۇنلاشتۇرۇش دوكىلاتىدا پەسىل خاراكتېرلىك خىزمەتچى قوبۇل قىلىش سالمىقى جانلانغان.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.