ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى باۋمان دۈشەنبە كۈنى جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىدىكى بانكىرلار جەمئىيىتىنىڭ 2024-يىللىق مەھەللە بانكىرلار يىغىنىغا تەييارلىغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن:ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى پۇل سىياسىتىنىڭ «يېتەرلىك چەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە»دەك قىلىدۇ پۇل پاخاللىقىنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ% 2 نىشانىغا چۈشۈرگىلى بولىدۇ. باۋمەن يەنە پۇل پاخاللىقىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ئەڭ ئاخىرقى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئۇنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. يەنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسەتنى چىڭىتىپ پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىش زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. باۋمان يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:«مېنىڭ كۆز قارىشىمدا ئۆزگىرىش بولدى، ئەگەر سىياسەت ئۆسۈم نىسبىتى بىر مەزگىل ھازىرقى سەۋىيەدە ساقلانسا، پۇل پاخاللىشىش نىسبىتىنىڭ يەنىمۇ تۆۋەنلىشى مۇمكىنلىكىنى ئويلاشساق بولىدۇ. «ئەگەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، پۇل پاخاللىقى داۋاملىق تۆۋەنلەپ بىزنىڭ% 2 لىك نىشانىمىزغا يېقىنلاشسا، ئۇنداقتا ئەڭ ئاخىرىدا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مۇساپىسىنى قوزغىتىپ، سىياسەتنىڭ زىيادە چەكلىمە خاراكتېرلىك بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ھەپتە ئامېرىكىنىڭ سانلىق مەلۇمات نۇقتىسى پەيشەنبە كۈنىدىكى 12 ئايلىق ئىستېمالچىلارنىڭ باھا كۆرسەتكۈچى دوكلاتى ۋە ھەپتىنىڭ جۈ مە كۈندىكى12 ئايلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ باھا كۆرسەتكۈچى دوكلاتى بولغاچقا. يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىن بۇيان، ئامېرىكىدا پۇل پاخاللىقى سەل تۆۋەنلەپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتىنى بوشاشتۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن ئۇنىڭدىن باشقا يەنە . CPI دوكلاتىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 3.3 ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ھالبۇكى 11-ئايلىق دوكلاتتىكى ئۆرلەش نىسبىتى % 3.1 بولغان. ئەگەر سانلىق مەلۇمات كۈچلۈكبولسا، دوللارنى ئۆرلىتىپ، دوللار بىلەن ھېسابلىنىدىغان ئالتۇننى بېسىمغا دۇچار قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

