جۈمە ( 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ) ئاسىيا بازىرىنىڭ ئاخىرىدا، نەق مال ئالتۇننىڭ باھاسى 2048 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولغان. داڭلىق مالىيە ئۇچۇر تور بېكىتى Economies مۇشۇ ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى ئەڭ يېڭى ماقالە يېزىپ، كۈندىلىك ئالتۇن تېخنىكىسىنىڭ كېيىنكى يۈزلىنىشنى تەھلىل قىلغان. بۇ تور بېكىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئالتۇن باھاسى ئۆرلەش تېخنىكا ھالىتىنى بەرپا قىلىشنى تاماملىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق مۇھىم ئۆرلەش سىگنالىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، بۇ، ئالتۇننىڭ يەنىمۇ ئۆرلىشى ئۈچۈن يول ئاچقان. پەيشەنبە كۈنى بولسا نەق مال ئالتۇن 14.53 ئامېرىكا دوللىرى كۈچلۈك ئۆرلەپ، ئۆرلەش نىسبىتى% 0.72 بولۇپ، 2045.83 ئامېرىكا دوللىرى ئۇنسىيە بولدى. جۈمە كۈنى بولسا ئالتۇن باھاسى بىر مەھەل 2055 دوللار ئۇنسىيە بولغان. بۇ تور بېكىتى مۇنداق كۆرسەتكەن:رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، ئالتۇن باھاسى قوش تۆۋەن ھالەتتىكى بويۇن سىزىقىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئىجابىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشتى، بۇ، كەلگۈسى بىرنەچچە سودا كۈنىدە ئالتۇن باھاسىنىڭ يەنىمۇ ئۆرلىشى توغرىسىدىكى كۆزلىمىنى قوللايدۇ. ئالتۇن باھاسىنىڭ تۇنجى ئۆرلەش نىشانى 2065.70 ئامېرىكا دوللىرى ئۇنسىيەدە بولۇپ، ئەگەر بۇ ئورۇننى بۆسۈپ ئۆتسە، ئۇنداقتا ئالتۇن باھاسىنىڭ كېيىنكى نىشانى 2100.00 ئامېرىكا دوللىرى ئۇنسىيەگە قارىتىلىدۇ.
بۇ تور بېكەت مۇنداق كۆرسەتكەن: شۇڭا، بىز داۋاملىق ئالتۇن باھاسىنىڭ كۈنلۈك سودا ئىچىدە ئۆرلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلەيمىز. 50 دەۋرىيلىك كۆرسەتكۈچ يۆتكىلىش ئوتتۇرىچە سىزىقى ( EMA ) ياخشى تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئالتۇن باھاسىنى 2016.90 ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاش يۇقىرىقى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. Economies. com نىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى 2035.00 دوللار ئۇنسىيە ھەمدە قارشىلىق كۈچى 2070.00 دوللار ئۇنسىيە ئارىلىقىدا بولىدىكەن.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.