ئانالىزچىلار مۇنداق دەپ قارىغان:ئامېرىكىنىڭ 12-ئايدىكى CPI سى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىگە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارلىرى سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يەنىلا ئۆسۈم قوشۇش خاھىشىنى ئىپادىلىگەن. بۇنىڭ بىلەن بازاردىكى كەڭ ئالتۇنغا ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلار ئىككىلىنىش ھالىتىدە تۇرۇپ قالغان. CPI نىڭ مۇۋاپىق ئۆرلىشى بازارنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ مۆلچەرىگە زور تەسىر كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن، لېكىن 1-ئايدىكى ئايلىق سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئەگەر يەنە% 0.3 ئۆرلىسە، 3-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مۇمكىنچىلىكى تۆۋەنلىشى مۇمكىن ھەمدە 5-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئېنىقلىقىنى تۆۋەنلەتكەن. پەيشەنبە كۈنى( 1-ئاينىڭ 11-كۈنى )، ئامېرىكىنىڭ12-ئايلىق CPI سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئالتۇن ناھايىتى تەۋرىنىپ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 2013.13 دوللار، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2039.49 دوللار بىلەن بازار يېپىلغان، ئەڭ ئاخىرىدا بولسا 2028.99 دوللار بىلەن بازار يېپىلغان. ئارىلىقتىكى تەۋرىنىش دەرىجىسى 20 نەچچە دوللارغا يەتكەن.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.